ئىستانبۇلدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كەڭ - كۆلەملىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى

ئىستانبۇلدا كېچىچە ئېلىپ بېرىلغان بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، دائېشنىڭ تۇقۇنۇش رايونلىرىدىن كەلگەنلىكى ئېنىقلانغان كۆپ ساندا چەت ئەللىك نازارەتكە ئېلىندى.

862101
ئىستانبۇلدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كەڭ - كۆلەملىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسانبۇلدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتتە چەت ئەللىك 26 كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

ئىستانبۇل تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئەترىتى كېچىدە فاتىھ ۋە باشاك شەھىر رايونىدا 6 ئادرىسقا بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

ھەرىكەت جەريانىدا ئىلگىرى دائېشنىڭ تۇقۇنۇش رايونلىرىدا تۇرغاندىن كېيىن، ئىستانبۇلغا كېلىپ پائالىيەتلىرىنى داۋملاشتۇرۇرىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان 26 كىشى قولغا چۈشۈرۈلدى.

بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئېلېكتىرونلۇق بويۇملار ۋە تەشكىلاتقا ئائىت ماتېرىياللار قولغا چۈشۈرۈلدى.

نازارەتكە ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى چەت ئەللىك بولۇپ، ساقچى ئىدارىسىدىكى رەسمىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر