خىتاي ئامېرىكىغا ھەيۋە كۆرسەتتى

خىتاي ھاۋا ئارمىيەسى باياناتچىسى شېن جىنكې ئۆتكۈزۈلگەن ھاۋا ئارمىيەسى مانىۋېرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

862520
خىتاي ئامېرىكىغا ھەيۋە كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدا مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا كەڭ - كۆلەملىك ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزگەنلىكىگە جاۋابەن خىتايمۇ مانىۋېر ئۆتكۈزدى.

غەربىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ھەيۋە كۆرسەتكەنلىكى ۋە شۇ كۈنى رايوندا ھاۋا ئارمىيەسى مانىۋېرى ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

خىتاي ھاۋا ئارمىيەسى باياناتچىسى شېن جىنكې كورېيە يېرىم ئارالىغا يېقىن جايدا شەرقىي خىتاي دېڭىزى ۋە سېرىق دېڭىز ھاۋا ساھەسىدە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئايروپىلان ئۇچۇپ باقمىغان رايون ۋە لىنىيەلەر بويىچە ھاۋا ئارمىيەسى مانىۋېرى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. 

خىتاي ھاۋا ئارمىيەسى باياناتچىسى شېن جىنكې ھاۋا ئارمىيەسى مانىۋېرىغا جاسۇس ئايروپىلانلاردىن باشقا يەنە، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە كونتىرول قىلىش ئايروپىلانلىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى ئېيتتى.

مانېۋىرغا يەنە،  قۇرۇغلۇقتىن ھاۋاغا قويۇپ بېرلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەترىتىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خىتاي ھەربىي مۇتەخەسسىسى لى جېي غەربىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، «خىتاي ئارمىيەسىنىڭ بۇ ياياناتلارنى بېرىش ئۈچۈن تاللىغان ۋاقتى، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەگە نىسبەتەن <كۈركۈرتۈش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنى ئازراق قىلىڭلار> دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى بەرگەنلىك بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر