ۋەزىرىستاندا پاكىستان ئەسكەرلىرى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
ۋەقەدە 6 كىشى ئۆلدى ۋە يارىدار بولغان 8 كىشى باننۇ شەھىرىدىكى دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىندى.
861924
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدا ھەربىي ئاپتوموبىل نىشان قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قلىىشىچە، شىمالىي ۋەزىرىستاننىڭ مىر ئەلى رايونىدا ھەربىي ئاپتوموبىل ئۆتۈۋاتقان پەيتتە يول ياقىسىغا توختۇتۇپ قويۇلغان بىر موتوسىكلىت بومبا پارتىلىتىلغان.
پارتلاشتا ھەربىي ئاپتوموبىلدىكى 3 ئەسكەر ۋە 3 پۇقرا بولۇپ، جەمئىي 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ۋەقەدە يارىدار بولغان 8 كىشى باننۇ شەھىرىدىكى دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىندى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچ كىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.