يەمەن سابىق پىرېزىدېنتى ئەلى ئابدۇللاھ سالىھى ئۆلتۈرۈلدى

يەمەندە خۇسىيلار ئاغدۇرۇلغان رەھبەر ئەلى ئابدۇللاھ سالىھىنى ئۆلتۈردى.

861073
يەمەن سابىق پىرېزىدېنتى ئەلى ئابدۇللاھ سالىھى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تىرىشقان ۋە «يېڭى سەھىپە ئېچىشقا مەن تەييار» دەپ بايانات ئېلان قىلغان يەمەن سابىق پىرېزىدېنتى ئابدۇللاھ سالىھىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى ئومۇمىي خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

يەمەندە ھاكىمىيەتنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان خۇسىيلارنىڭ ئاغدۇرۇلغان رەھبەر ئەلى ئابدۇللاھ سالىھىنىڭ ئۆيىنى پارتلاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتە ئىراننىڭ يېرىم رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «تاسنىم» سالىھىنىڭ قېچىشقا ئۇرۇنىۋاتقان پەيتتە خۇسىيلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خۇسىيلار بىلەن سالىھىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدا پايتەخت سانادا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تۇقۇنۇشلار تېخىمۇ كەسكىنلەشكەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت تەرەپ ئارمىيەگە جىددىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش بۇيرۇقى چۈشۈردى.

يەمەن پىرېزىدېنتى  ئابدۇرابۇ مانسۇر ھادى ئارمىيەگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پايتەختتە جىددىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى جىكىلىدى.

مانسۇر ھادى: «سالىھىنىڭ قۇللۇغۇچى قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ، كۆپلىگەن جايلاردا ئۇرۇش ئالدىنقى فىرونتى ھازىرلاڭلار، ساناغا ھەممىلا تەرەپتىن تەڭ ھۇجۇم قىلىڭلار» دەپ بۇيرىدى.

بۇ ئارىلىقتا پايتەخت سانادا ئىران ئەلچىخانىسىغا راكىتامىيۇت بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى. بىراق ئىران دائىرىلىرى بۇ خەۋەرنىڭ يالغانلىقىنى جاكارلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەمەن ئىنسانپەۋرەلىك ياردەم ئىشلىرى مۇدىرى مىك گولدرىك پايتەخت سانادا قانۇنلۇق ھاكىمىيەتكە قارشى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان تۇقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش چاقىرىقىدا بولدى.

مىك گولدرىك تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، سانادا قانۇنلۇق ھاكمىيەتكە قارشى كۈچلەر ئۇتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان تۇقۇنۇشلاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋانقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ دەرھال توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

مىك گولدرىك توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن نۇرغۇن ساندا پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە قاپسىلىپ قالغانلىقىنى تەكىتلەپ، «خۇسىيلار بىلەن سالىھىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ئونلىغان پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە يۈزلىگەن پۇقرانىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە» دېدى.

مىك گولدرىك ھەر قايسى تەرەپلەرنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق پىرنسىپلىرىغا رىئايە قىلىشقا شۇنداقلا شەھەرنىڭ ئۈل – ئەسلىھەلىرىنى قوغداپ قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر