رۇسىيە بىلەن خىتاي سۇنئىي ھەمراھلارغا قارشى قورال ياساۋاتامدۇ؟

جون ھەيتېن: «رۇسىيە ۋە خىتاي ئامېرىكىنىڭ 1991 – يىلىدىكى پارىس قولتۇقى ئۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ھەربىي ھەىكەتلىرىدە سۇنئىي ھەمراھنى ئىنتايىن نەتىجىلىك ئىشلەتكەنلىكىنى كۆردى ۋە كەلگۈسىدە بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشنى نىشان قىلماقتا» دېدى.

860951
رۇسىيە بىلەن خىتاي سۇنئىي ھەمراھلارغا قارشى قورال ياساۋاتامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئىستىراتېگىيەلىك قىسىملار قوماندانى گېنېرال جون ھەيتېن رۇسىيە بىلەن خىتايدا سۇنئىي ھەمراھلارغا قارشى ئىشلىتىلىدىغان قورال ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

«CNN» تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىلىق گېنېرال جون ھەيتېن رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن قۇرۇقلۇقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش ۋە لازىر نۇرلۇق قوراللارنى ئىشلەپچقىرىپ سىناق قىلغانلىقىنى ھەمدە بۇنىمۇ مەخپىي ئەمەس، ئاشكارا قىلىشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

جون ھەيتېن: «رۇسىيە ۋە خىتاي ئامېرىكىنىڭ 1991 – يىلىدىكى پارىس قولتۇقى ئۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە سۇنئىي ھەمراھنى ئىنتايىن نەتىجىلىك ئىشلەتكەنلىكىنى كۆردى ۋە كەلگۈسىدە ئامېرىكىنى يەنە شۇنداق قىلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشنى نىشان قىلىشماقتا» دېدى.

جون ھەيتېن دۇنيا مىقياسىدا قويۇپ بېرىلگەن بارلىق سۇنئىي ھەمراھلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئامېرىكا سۇنئىي ھەمراھلىرى تەرىپىدىن ئېنىقلانغانلىقىنى ۋە بۇ سۇنئىي ھەمراھلارنى قوغداشنىڭمۇ قىيىن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ سۇنئىي ھەمراھقا قارشى قورال ئىشلەپ ئامېرىكىغا دۇئېل ئېلان قىلىش ۋە دۇنيادىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتىشنى نىشان قىلغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇنڭىڭغا قەتئىي رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

 جون ھەيتېن يىل بېشىدىمۇ شۇ ھەقتە باياناتلاردا بولغان بولۇپ، بۇ خىل قوراللارنى ئىشلىتىشنىڭ دۇنيا ئور بېتىدە ئالەم كېمىلىرىنىڭ نورمال ھەرىكىتىگە توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان دەرىجىدە زور مىقداردا ئەخلەتلەرنىڭ توپلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى يۇرىي شىۋىيىتكىن ئامېرىكا گنېنېرالىنىڭ سۆزلىرىگە «بۇ مەلۇماتلار ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس» دەپ رەددىيە بەردى.

يۇرىي شىۋىيىتكىن جون ھەيتېننىڭ باياناتىدا تىلغا ئېلىنغان قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىش دېگەنلىك، ھۇجۇم قىلىش پوزىتسىيەسىگە ئۆتكەنلىك بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ خەلقئارا قانۇننىمۇ ئاياق ئاستى قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى جىكىلەپ، رۇسىيەنىڭ ئۇنداق ئىشى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

يۇرىي شىۋىيىتكىن: «بىز ھەر دائىم خەلقئارا قانۇن ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتىمىز، بىزنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىمىز ۋە تۇتقان يولىمىز پەقەتلا مۇداپىئە خاراكېترىگە ئىگە» دېدى.

رۇسىيە ۋە خىتاي بۇنىڭدىن ئىلگىرى «BRICS» گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر (يەنى بېرازىلىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا) ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا، ئالەم بوشلۇقىغا قورال ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار يېڭىلانغان كېلىشىم تەكلىپى سۇنغان ئىدى.

سۇنۇلغان كېلىشىم تەكلىپىدە، «ئالەم بوشلۇقىنى خەلقئارا قانۇن ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن باراۋەرلىك پىرىنسىپىلىرى ئاساسىدا، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقنى چىقىش قىلغان تەتقىقاتلار ئۈچۈن ئىشلىتىش ئەركىنلىكى بولۇشى لازىم» دېگەنلەر تەكىتلەنگەن ئىدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر