نېگىرىيەدە ئايال ئادەم بومبا 13 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
نېگىرىيەدە بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن مىڭلىغان كىشى ئۆلۈپ، يۈز مىڭلىغان كىشى ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولماقتا.
860324
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نېگىرىيەدە بىر بازاردا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
مەسئۇللار بورنو ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىنىڭ 2 ئايال تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئادەم بومبىلاردىن بىرسىنىڭ رايون خەلقىگە ھەقسىز يېمەك – ئىچمەك تارقىتىلىدىغان جاينى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
نېگىرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بورنو ئۆلكىسىدە بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن مىڭلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلماقتا ۋە يۈز مىڭلىغان كىشى ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولماقتا.