ئافغانىستاندا دائېش بىلەن ئارمىيە ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى جۈزجان ۋىلايىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن ئارمىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر ئەسكەر بىلەن بىر پۇقرا قازا قىلدى.
857764
![ئافغانىستاندا دائېش بىلەن ئارمىيە ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/4e1a/cf0e/fdb6/59f5e08dd0d9c.jpg?time=1718938910)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۈزجان ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى مۇھەممەد رىزا غافۇرىنىڭ ئېيتىشىچە، دائېش ئەزالىرىنىڭ زىرزابنىڭ باتۇ رايونىدىكى ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن توقۇنۇش يۈز بەرگەن. تەخمىنەن 2 سائەت داۋاملاشقان توقۇنۇشتا 2 دائېشچى ئۆلتۈرۈلگەن، 1 ئەسكەر بىكەن بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.