مىسىرنىڭ ئىسمائىلىيە شەھىرىدە توقۇنۇش يۈز بەردى

مىسىرنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ئىسمائىلىيە ۋىلايىتىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قوراللىق كىشىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

857539
مىسىرنىڭ ئىسمائىلىيە شەھىرىدە توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ئىسمائىلىيە ۋىلايىتىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قوراللىق كىشىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 11 ئادەم ئۆلدى، 9 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئىسمائىلىيە ۋىلايىتىنىڭ جىلبانە رايونىدىكى قوراللىق كىشىلەر مەشىق مەيدانى قىلىپ پايدىلىنىۋاتقان بىر جايدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى؛ ھەرىكەت جەريانىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 11 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 9 ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى. مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى سېپىدىن ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈپ – كۆرۈلمىگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلمىدى.

مىسىر ئارمىيەسى تۈنۈگۈن شىمالىي سىنا ۋىلايىتىدە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، قوراللىق 3 كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، 5 كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر