خىتاينىڭ «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» 3 يىل ئۇزارتىلدى

2 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» تېخىچە تاماملانمىدى.

857850
خىتاينىڭ «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» 3 يىل ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا  جەمئىي 68 مىڭ خاجەتخانا يېڭىدىن ياسالدى ياكى رېمۇنت قىلىندى. بىراق «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» تېخى ئاخىرىلاشمىدى، يەنە 3 يىل ئۇزارتىلدى.

خىتاينىڭ چوڭ مەسلىلىرىدىن بىرسى ئاممىۋى ھاجەتخانا مەسلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يېڭى مەسىلىمۇ ئەمەس.

خىتاي 1964 – يىلدىن بۇيان ئاممىۋىي ھاجەتخانا مەسىلىسى ئۈستىدە نۇرغۇن قېتىم توختالغان، ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانلارنى تۈزگەن. ئاممىۋىي ھاجەتخانىلار ئۈچۈن يېڭى ۋە قېيىن لايىھەلەرنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. 

2015 – يىلىغا كەلگەندە، خىتايدا زىيارەتتە بولغان چەت ئەللىكلەرنىڭ ھاجەتخانىلارنىڭ تەرتىپسىزلىكى ۋە تازىلىقى ھەققىدىكى شىكايەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قايتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى.

ئالدى بىلەن خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭنى ئاساس قىلغان ھالدا «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» دېگەن نام بىلەن يېڭى قۇرۇلۇش ھەرىكىتى باشلىدى.

2 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» تېخىچە تاماملانمىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ساياھەت ساھەسىدىكى تېز سۈرئەتلىك تەرققىياتنى ۋە ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۈرمۈش شارائىتى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتايدىكى ھاجەتخانا يېتەرسىزلىكىگە قارىتىلغان «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نىڭ مۇددىتىنى يەنە 3 يىل ئۇزارتتى.

2018 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە دۆلەت مىقياسىدا 65 مىڭ يېڭى ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر