خىتاي شىمالىي كورېيەگە ئۇچۇشنى ۋاقىتلىق توختاتتى

خىتايدىن شىمالىي كورېيەگە 20 - نويابىردا ئەڭ ئاخىرىقى ئايروپىلاننىڭ قاتنىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

852399
خىتاي شىمالىي كورېيەگە ئۇچۇشنى ۋاقىتلىق توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھاۋا يوللىرى شىركىتى «Air China» شىمالىي كورېيەنىڭ پايتەختى پيوڭياڭغا قاتناشتى ۋاقىتلىق توختاتتى.

خىتاي ھاۋا يوللىرى شىركىتى «Air China»نىڭ ئاخبارات ئىشلىرى ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يېتەرلىك تەلەپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىن پيوڭياڭغا ئۇچۇشنى توخلاتقانلىقى جاكارلاندى.

باياناتتا قايتا ئۇچۇشنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

خىتايدىن شىمالىي كورېيەگە 20 - نويابىردا ئەڭ ئاخىرىقى ئايروپىلاننىڭ قاتنىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي بىر تەرەپتىن شىمالىي كورېيە بىلەن ئالاقە - مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزمەي ساقلاپ كېلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قارشى ئىمبارگو قارارلىرىنىمۇ قوللاپ كەلمەكتە

خىتاي دائىرىلىرى شىمالىي كورېيە ئۆتكەن يىلى 6 – قېتىم يادرو قورال سىناق قىلغاندىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلىنغان ئېبارگو قارارلىرىنىمۇ قوللىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەر قايسى تەرەپلەرگە پات - پات مۇزاكىرە ۋە دىيالوگ چاقىرىقىدا بولۇپ كەلمەكتە ھەمدە نۆۋەتتىكى مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىروگراممىلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقىلىرىغا خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ بەدىلىگە ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ رايوندىكى ھەربىي مانىۋېرلىرىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەكلىپلەرنى سۇنماقتا.   

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر