شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى شىمالىي كورېيەنى زىيارەت قىلدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سۇڭ تاۋنىڭ شىمالىي كورېيە زىيارىتىدە، ئىككى دۆلەت ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

852026
شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى شىمالىي كورېيەنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سۇڭ تاۋ ئۆكتەبىر ئېيىدا ئېچىلغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن 17-20-نويابىر كۈنلىرى شىمالىي كورېيەنى زىيارەت قىلغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۇڭ تاۋ شىمالىي كورېيە ئىشچى پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

سۇڭ تاۋ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ شىمالىي كورېيەدىكى تۆت كۈنلۈك زىيارىتىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى پارتىيەنىڭ ئۆزئارا ئۇچۇر-ئالاقە ۋە كوردىناتسىيە ئىشلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، كورېيە يېرىم ئارىلى مەسىلىسى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرى ھەققىدىمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

 شىمالىي كورېيە ئىشچى پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەن ۋە يېڭى دەۋردە خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزمنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىگەن.

شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سۇڭ تاۋنىڭ شىمالىي كورېيە زىيارىتى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئاسىيا سەپىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا ئېلىپ بېرىلدى ۋە كۆپ دىققەت قوزغىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى پات-پات پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتى بىلەن دىيالوگ يولىنى ئوچۇق تۇتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سېنتەبىر ئېيىدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى شىمالىي كورېيەنىڭ 6-قېتىملىق يادرو سىنىقىغا قارشى يولغا قويغان ئېمبارگونى قوللىدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى كورېيە يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر دائىم تەرەپلەرگە مۇزاكىرە ۋە دىيالوگ قىلىشنى چاقىرىق قىلىدۇ. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى مەۋجۇت مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چاقىرىقىغا بىنائەن، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى، بۇنىڭ بەدىلىگە ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ ھەربىي مانېۋىرلارنى توختىتىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر