ياپونىيەدە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ھاراق ئىچىشى مەنئى قىلىندى

باياناتتا، ياپونىيە مىقياسىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىسپىرتلىق ئېچىملىك سېتىۋېلىشى ۋە ئىشلىشىتى مەنئىي قىلىنغانلىقى جاكارلاندى.

851186
ياپونىيەدە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ھاراق ئىچىشى مەنئى قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكىناۋانىڭ جەنۇبىدا 21 ياشلىق ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە خادىمى نىكولاس جامېس مىكلېن ھاراق ئىچىپ كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتناش ۋەقەسىدە، 61 ياشلىق ھىدېماشا تائىرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن بايانات ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، ياپونىيە مىقياسىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئىسپىرتلىق ئېچىملىك سېتىۋېلىشى ۋە ئىشلىشىتى مەنئىي قىلىنغانلىقى، ئوكىناۋادىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ 2 – بۇيرۇق كەلگەنگە قەدەر بازىدىن سىرتقا چىقىشىمۇ چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە خادىمى جامېس مىكلېن ھاراق ئېچىپ ھەيدىگەن ئاپتوموبىلىنى 61 ياشلىق تائىرانىڭ يۈك ئاپتوموبىلىغا سوققان ۋە تۈنۈگۈن نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى.

تەكشۈرۈشلەردە يېنىك يارىدار بولغان جامېس مىكلېننىڭ نورمال ئۆلچەمدىن 3 ھەسسە ئارتۇق ھاراق ئىچكەنلىكى ئېنىقلانغان ئىدى

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر