ئەنگلىيە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىكى كېلىشىم بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى بىلدۈردى

ئەنگلىيە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى دائېش بىلەن پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى پ ي د ئارىسىدىكى كېلىشىم بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى بىلدۈردى.

850187
ئەنگلىيە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىكى كېلىشىم بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرى بىلەن ئائىلىلىرىنىڭ راققەدىن چېكىنىپ چىقىشى توغرۇلۇق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى بولغان پ ي د بىلەن دائېش ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان كېلىشىمگە قارشى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى ئىنگىلىز مىللەتلەر گەۋدىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت  مىنىستىرى لورد تارىق ئەھمەد، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرۇلۇق پارلامېنت ئەزالىرىغا مەلۇمات بەردى.

لورد ئەھمەد تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىنىڭ راققەدىن چېكىنىپ چىقىشى توغرۇلۇق دائېشنىڭ پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د بىلەن يوشۇرۇن كېلىشىم ھاسىل قىلىشى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئارىسىدىكى مۇزاكىرىلەرگە قاتنىشىپ باقمىدۇق،ئۇلارنىڭ قارارىدىن خەۋىرىمىز يوق. بۇ كېلىشىم ئەسلىدە راققە خەلق كېڭىشى ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرى بولۇپ يەرلىك كاتتىۋاشلار تەرىپىدىن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم ئىدى.»

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھېلىھەم تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ،شۇڭا خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىدا ئىكەنلىكنى ئەسكەرتكەن لورد ئەھمەد سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «دائېشنى باشتىلا تەلتۆكۈس يوقىتىشنى نىيەت قىلغانىدۇق، دائېشنىڭ رايوننى قولدىن بېرىپ قويۇشى سەۋەبلىك رايوننى تاشلاپ ئەنگلىيە قايتقۇچىلار شەكىللەندۈرىدىغان خەتەرگىمۇ تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىقىمىز بار، بۇ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوق قىلىش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئالدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر