تۈركىيە گىرېتسىيەگە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتىنا ئەتراپىدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە قازا قىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، گىرېتسىيەگە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

848871
تۈركىيە گىرېتسىيەگە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈركىيەنىڭ گىرېتسىيەدىكى سۇ ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «سۇ ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى ۋە گىرېتسىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز. تۈركىيە ھەمىشە گىرېتسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشقا ھەمدە گىرېتسىيەگە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تەييار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر