سومالىدا 81 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەش-شەبابقا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە نۇرغۇن تېررورچى ئۆلتۈرۈلدى.

845672
سومالىدا 81 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى ئابدۇراھمان ئوسمان سومالىنىڭ جىلىب شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەش-شەبابقا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 81 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئوسمان سومالىنىڭ رەسمىي ئاگېنتلىقى سوننانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەش-شەبابقا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە نۇرغۇن پارتلاتقۇچ ماددا ۋە ئوق-دورىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر ئابدۇراھمان ئوسمان سومالىنىڭ تۆۋەن شابەل ۋە ئوتتۇرا شابەل رايونلىرىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكىغا قاراشلىق ئافرىقا ھەربىي قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، جۈمە كېچىدە سومالىنىڭ تۆۋەن شابەل رايونىدا ئەش-شەبابقا قارىتىلغان ھەربىي ھەربكەتلەردە نۇرغۇن تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر