«يېڭى سەھىپە ئېچىلىدۇ»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئامېرىكا – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى سەھىپە ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

845269
«يېڭى سەھىپە ئېچىلىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس بىلەن كۆرۈشتى. بىنالى يىلدىرىم ۋاشىنگىتوندىن نىيۇ يوركقا كېتىۋېتىپ ئايروپىلاندا ئاخباراتچىلارغا بايانات بەردى ۋە ئۇچرىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى، مەسىلىلەرنىڭ سەمىمي، دۇرۇست بىر شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى، ئۆزئارا رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرلەشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى. بىنالى يىلدىرىم: «مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش ئارزۇسى بار، بىراق فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئالاقىدار كونكرېت قەدەملەر تاشلىنىشى لازىم» دېدى. ئاقسارايدىن ئېلان قىلىنغان تۇنجى باياناتتا، «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلىدۇ» دېيىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر