ماكرون رىياد زىيارىتى جەريانىدا ئىران توغرىسىدا توختالدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۇيۇقسىزلا سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولدى.

844807
ماكرون رىياد زىيارىتى جەريانىدا ئىران توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېمانۇئېل ماكرون پايتەخت رىيادتا ئەرەبىستانلىق ئەمەلدارلار بىلەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پائالىيەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

ئېمانۇئېل ماكرون، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە رىياد دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىشنىڭ ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون رىيادتىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا، لىۋاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەھمىيىتىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە، ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پائالىيەتلىرىدىنمۇ بەك پۈتكۈل رايوندا جىددىيچىلىك پەيدا قىلغان نوپۇز يارىتىش ھەۋەسلىرىگە بىر رامكا سىزىش كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر