شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ بېيجىڭدا قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

844107
شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ بېيجىڭدا قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈنۈگۈن باشلانغان ئۈچ كۈنلۈك خىتاي زىيارىتى دائىرىسىدە بۈگۈن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى؛ ئىككى رەھبەر، ئۇچرىشىشتىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ، ترامپنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئىككى دۆلەت شىركەتلىرى ئارىسىدا سودا ۋە سېلىنما ساھەلىرى بويىچە 250 مىليارد دوللارلىق  كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىمكانىيەتلىرىنىڭ كۆپلىكىنى تەكىتلەپ، ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدىكى ياخشى مۇناسىۋەتلەرنىڭ پۈتكۈل دۇنيانىڭ باياشاتلىق ۋە مۇقىملىقى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپ، 13 كۈنلۈك ئاسىيا زىيارىتى دائىرىسىدە ئالدى بىلەن ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولغان، ئارقىدىن تۈنۈگۈن بېيجىڭغا بارغانىدى.

دونالد ترامپ، شى جىنپىڭ ئىككىنچى قېتىم رەئىسلىككە سايلانغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدىن كېيىن بۇ دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان تۇنجى رەھبەر بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر