كرېمىل سارىيى ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشى توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى

كرېمىل سارىيى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇچرىشىشى توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى.

843953
كرېمىل سارىيى ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشى توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېمىل سارىيى تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى يۇرىي ئۇشاكوۋ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈرك ۋە رۇس رەھبەرلەرنىڭ كېلەر ھەپتە سوچىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسىنى سۈرىيە كىرىزىسى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا، 2015 – يىلى 24 – نويابىر كۈنى رۇس ئايروپىلانىنىڭ تۈركىيەنىڭ F 16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئارقىلىق چۈشۈرۈۋېتىلىشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە يەتكەن ۋە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سۈرىيە خەلقلىرى يىغىنى تەييارلىق خىزمىتى  توغرىلىقمۇ سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىشى كۈتۈلمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر