كاتالونىيەدە كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاش ھەرىكىتى قوزغالدى

كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىدا مەركىزى ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى.

843448
كاتالونىيەدە كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاش ھەرىكىتى قوزغالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ شەرقىدىكى كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىدا مەركىزى ھۆكۈمەت يولغا قويغان 155-ماددىغا ۋە كاتالونىيەنىڭ سابىق ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى.

ئىنتېرسىندىكال ئۇيۇشمىسىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئېلىپ بېرىلغان ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ قوللاپ ئاۋاز قوشقان بولسا، ئىسپانىيەدىكى ئىككى چوڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بۇ قېتىمقى ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ قاتناشمىدى.

قاتناش ساھەسىگە بەكرەك مەركەزلەشكەن ئىش ھەرىكىتىدە 60دىن ئارتۇق جايدا تۆمۈر يول قاتنىشى توختاپ قالدى.

بولۇپمۇ بارسېلونا شەھىرىنىڭ چىقىش ئېغىزىغا تۇتۇشىدىغان 6 تاشيولنى قاتناشقا توسۇپ قويغان نامايىشچىلار، شەھەر ئىچىدىكى غول يوللارنىمۇ قاتناشقا توسۇپ قويۇشتى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تۆمۈر يوللارنى كونترول قىلىۋالغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بارسېلونا-گىرونا ئوتتۇرىسىدىكى تېز سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەسى بىلەن بىر قىسىم شەھەر ئىچى غول پويىز لىنىيەلىرىنىمۇ قاتناشقا توسۇۋەتكەن.

قاتناشنىڭ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشى سەۋەبلىك بارسېلونا، گىرونا، لېيدا ۋە تارراگوناغا ئوخشاش شەھەرلەرنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىدا ئۇزۇن ئۆچرەت شەكىللەندى.

بىر قىسىم كۆۋرۈكلەرگە «بېسىملارنىڭ ئەكسىچە كەينىمىزگە داجىمايمىز، بىز جۇمھۇرىيەتمىز، 8-نويابىر ئومۇمىي ئىش تاشلاش ھەرىكىتى كۈنىدۇر»دېگەن مەزمۇندا لوزۇنكىلار ئېسىپ قويۇلدى.

كاتالونىيە ئاپتونوم ھۆكۈمىتى %25تىن %50گىچە قاتناش خىزمەتلىرىنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مەكتەپلەردە بولسا ھەر 6 سىنىپقا بىر ئوقۇتقۇچى تەقسىم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر