كابۇلدا خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
842307
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا مەلۇم بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 1 ئادەم ئۆلدى، 3 ئادەم يارىلاندى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نەجىب دانىش زوراۋانلارنىڭ 3 كىشى ئىكەنلىكىنى، ۋەقە ئەسناسىدا بىرىنىڭ ئۆلۈپ قالغان ئىككىسىنىڭ تېلېۋىزىيە بىناسىغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېيتتى.
ساقچى دائىرىلىرىمۇ ھۇجۇمدا 1 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ 3 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى تالىبان بۇ ھۇجۇم بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.