يەمەندىكى ئەلقائىدە مەركەزلىرىگە ھاۋادىن زەربە بېرىلدى

يەمەننىڭ مەئرىب شەھىرىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئەلقائىدە نىشانلىرىغا زەربە بەردى.

840166
يەمەندىكى ئەلقائىدە مەركەزلىرىگە ھاۋادىن زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ مەئرىب شەھىرىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، ئەلقائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى ئىككى كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئەلقائىدە ئەزالىرى ئولتۇرغان بىر ئاپتوموبىل يولدا كېتىۋاتقان پەيتىدە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن زەربە بېرىلگەن.

ئامېرىكا ياكى يەمەن دائىرىلىرى، ھازىرغىچە مەزكۇر ھۇجۇم توغرىسىدا بايانات بەرمىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، يېقىنقى مەزگىللەردە يەمەننىڭ شەبۋا، ئەبيەن ۋە بەيدا ۋىلايەتلىرىدىكى ئەلقائىدە نىشانلىرىغا ئارقا – ئارقىدىن ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر