ئامېرىكانىڭ ئەڭ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىقاتى قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكانىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ھاۋا ئۈستۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا لايىھەسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

840056
ئامېرىكانىڭ ئەڭ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىقاتى قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىقات لايىھەسىگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي مەلۇماتلار مەخپىي تۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان 2018-يىللىق خامچوت لايىھەسىنىڭ مەزمۇنلىرىدىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ. «Amerikan Flight Global» ناملىق ئاۋىياتسىيە ژۇرنىلى بۇ ھەقتە ئۆتكەن يىلى (2016) ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى لايىھەلەش، چىرتىيوژ ۋە ئېتىش سىستېمىلىرى توغرىسىدىكى ئانالىزلارنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى قەيت قىلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 2018-يىللىق خامچوت لايىھەسىدىمۇ: «مۇۋەپپەقىيەت بىلەن تاماملانغان تەقدىردە، بىردىن كۆپ ئارمىيە قىسمىغا بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار سەپلەپ بېرىلىدۇ» دېيىلدى. باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار خامچوت لايىھەسىنىڭ «يۈكسېلىۋاتقان قابىلىيەتلەرنىڭ تېخنىكىلىق تەرەققىياتى» دېگەن تېمىلىق بۆلۈمىدە بېرىلدى. مەزكۇر قوراللارنىڭ ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى ھاۋا ئۈستۈنلۈكىگە مۇھىم ھەسسىلەرنى قوشىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

بۇنىڭدىن باشقا، تەتقىق قىلىنىۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ، ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتقان، مۇداپىئە شىركىتى «Raytheon» تەرىپىدىن ياسالغان ۋە «ئامېرىكانىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى» دەپ نام بېرىلگەن « AIM-120D AMRAAM» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئورنىغا سەپلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇساپىسى تەخمىنەن 160 كىلومېتىر بولغان «AIM-120D» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تېخىمۇ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش پىلانىغا قارشى مەزكۇر لايىھەنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر