تالىبان ئەزالىرى تەسلىم بولدى

ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى قۇنار ۋىلايىتىدە 60 تالىبان ئەزاسى قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولدى.

839513
تالىبان ئەزالىرى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇنار ۋالىيسى ۋاھىدۇللاھ كىلىمزەينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆز ئىختىيارى بىلەن تەسلىم بولغان تالىبان ئەزالىرى ئىلگىرى قۇنارنىڭ سۇكاي ۋە خاس ناھىيەلىرىدە تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەشكىلاتنىڭ رايوندىكى ئاتالمىش مەسئۇللىرىمۇ بار ئىكەن. بۇ تېررورىستلارنىڭ تىنچلىق پىلانىغا داخىل بولۇشى رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، باشقا تېررورىستلارنىمۇ بۇ پىلانغا داخىل بولۇشقا چاقىرىمەن.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئافغانىستاندا يېقىنقى 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنى سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا مەسئۇل ئالىي تىنچلىق كېڭىشى «تىنچلىق پىلانى» نامىدا ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ھۆكۈمەت پىلان دائىرىسىدە قورال تاپشۇرغان تېررورىستلارغا ماددىي ياردەم بەرمەكتە ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ياردەم بەرمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر