قاتار بىلەن ئىران ھەمكارلىق كومىتېتى قۇرۇش ئۈچۈن كېلىشتى

قاتار بىلەن ئىران قاتناش ۋە تىرانسپورت ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن كېلىشتى.

837560
قاتار بىلەن ئىران ھەمكارلىق كومىتېتى قۇرۇش ئۈچۈن كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار بىلەن ئىران قاتناش ۋە تىرانسپورت ساھەسىدە ھەمكارلىق كومىتېتى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كېلىشتى.

قاتار قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش ئىشلىرى مىنىستىرى جاسىم ئەس-سالىتى تېھران زىيارىتى ئەسناسىدا ئىران قاتناش ۋە شەھەرلىشىش ئىشلىرى مىنىستىرى ئاسىم ئاخۇندى بىلەن كۆرۈشتى.

سالىتى پارس قولتۇقى كىرىزىسى يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ قاتارنى قوللاپ كەلگەن ئىران ھۆكۈمىتىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈردى. كۆرۈشۈشتە قاتار بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سودا، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا قاتناش ئىشلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن قاتناش ۋە تىرانسپورت ساھەسىدە ھەمكارلىق كومىتېتى قۇرۇپ چىقىش قارار قىلىندى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى رەھبەر يەنە تىرانسپورت، پورت ۋە ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسىدىن سىرت، ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ كېڭەشكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ يىل 5-ئىيۇندا قاتار بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى  ئۈزۈپ تاشلىشى نەتىجىسىدە پارس قولتۇقى كىرىزىسى يۈز بەرگەنىدى. قاتارغا ئېمبارگو يولغا قويغان بۇ 4 دۆلەت مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن 13 ماددىلىق شەرت قويغاندا، قاتار خەلقئار قانۇنغا زىت ھەر قانداق شەرت ياكى تەلەپنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر