7-نۆۋەتلىك سۈرىيە سۆھبەت يىغىنى ئاخىرقى كۈنگە قەدەم قويدى

قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە چاقىرىلغان 7-نۆۋەتلىك يىغىن ئاخىرقى كۈنگە قەدەم قويدى.

837619
7-نۆۋەتلىك سۈرىيە سۆھبەت يىغىنى ئاخىرقى كۈنگە قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە چاقىرىلغان 7-نۆۋەتلىك يىغىننىڭ ئىككىنچى ۋە ئاخىرقى كۈنىدە ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىن ئەسناسىدا يەنە تۈركىيە، رۇسىيە، ئىران ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى، ھەربىي ئۆكتىچىلەر بىلەن كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىدە قاتناشقان ئامېرىكا، ئىيوردانىيە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەيئەتلىرى ئۆز-ئارا مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

سۈرىيە ئۆكتىچى ۋەكىللەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەھمەد بىررى رەھبەرلىكىدىكى ھەيئەت قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى قايرات ئابدۇراھمانوۋ بىلەن كۆرۈشكەن.

بۇ ئەسنادا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندىر لاۋرېنتىيېۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ ھامىي دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر