چاۋۇشئوغلۇ: خىتاي مۇھىم بىر دۆلەت

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ خىتاينىڭ ھەر جەھەتتىن مۇھىم بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

836022
چاۋۇشئوغلۇ: خىتاي مۇھىم بىر دۆلەت

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ شانلىئۇرفادىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەنسۇپلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغاندا، شانلىئۇرفا سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇلقادىر ئەمىن ئۆنەننىڭ تۈركىيەنىڭ بېيجىڭ باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھەر جەھەتتىن مۇھىم بىر دۆلەت، شۇنداقلا بىزمۇ مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغان، تارىخىي يىپەك يولىنى بىرلىكتە جانلاندۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بىر دۆلەت. ئىشنىڭ ئىچىدە ئىقتىساد، بىخەتەرلىك قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. ئەمىن ئۆنەن قېرىندىشىمىزمۇ ئۇ يەردە سىلەرگىمۇ، بىزگىمۇ ئەڭ ياخشى شەكىلدە ۋەكىللىك قىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر