ترامپ ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئەقىللىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، «تاراتقۇلار مەدەنىيەتسىز قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئەقىللىك بىر كىشى ئىكەنلىكى» نى ئېيتتى.

834772
ترامپ ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئەقىللىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، «مەتبۇئات مېنى تۇرقۇمدىنمۇ بەك مەدەنىيەتسىز بىرى قىلىپ كۆرسىتىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايمەن. كىشىلەر مېنىڭ چىڭگىلىك ئىتتىپاقى (ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سەككىز فوند ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇپ چىققان ئىتتىپاق) غا ئەزا بىر ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەنلىكىمنى بىلمەيدۇ. ياخشى بىر ئوقۇغۇچى ئىدىم. ياخشى ئوقۇدۇم، مەن ناھايىتى ئەقىللىك بىرىمەن» دېدى.

ترامپ پات – پات ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تاراتقۇلىرى بىلەن سۈركىلىشىپ قالىدۇ. مېدىيانىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئاخىرقى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ترامپنىڭ رەقىبى ھىلارى كلىنتوننى قوللىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر