شىمالىي كورېيەنىڭ بىئولوگىيەلىك ۋە خىمىيەلىك قورال ئىشلەپچىقىرىشقىمۇ مەركەزلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا شىمالىي كورېيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللار ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرۇلۇق دوكلات ئېلان قىلىندى.

832480
شىمالىي كورېيەنىڭ بىئولوگىيەلىك ۋە خىمىيەلىك قورال ئىشلەپچىقىرىشقىمۇ مەركەزلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جۇڭ ئۇننىڭ بىۋاستە نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىمىيىۋى قورال ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدا دوكلات تەييارلاندى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى خەتەرلىك گۈل ۋە ۋابا كېسەللىكى پەيدا قىلىدىغان خىمىيىۋى ماددىلار ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىنى بىۋاستە كونترول قىلىدىكەن.

جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ 13 خىل بىيولوگىيەلىك قورالغا ئىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىنغان دوكلاتتا، خەتەرلىك گۈل ۋە ۋابا كېسەللىكى پەيدا قىلىدىغان خىمىيىۋى ماددىلار قاچىلانغان بىر نەچچە بوتۇلكىنىڭلا ئون مىڭلارچە ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

شىمالىي كورېيەدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى - KNCA بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى لۈكچەك ۋە يادرو قوراللىرى سىستېمىلىرىنىڭ كونۇپكىسىنى ئويلاشمايلا باسىدىغان ساراڭ دەپ تەرىپلىگەن بولسا، جەنۇبىي كورېيەنى ئامېرىكىنىڭ غالچىسى دەپ سۈپەتلەپ خەۋەر تارتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر