ب د ت ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەخسۇس يىغىن چاقىردى

خەلقئارا كۆچ تەشكىلاتى، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كوممىسسارلىقى ۋە ب د ت ئىنسانىي ئىشلار كوردىناتسىيە ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەخسۇس يىغىن چاقىردى.

832479
ب د ت ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەخسۇس يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما ئارمىيەسى بىلەن ئاشقۇن بۇددىستلارنىڭ ھۇجۇم ۋە زۇلۇملىرىدىن قېچىپ باڭلادىشتىن پاناھلىق تىلىگەن ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىش مەقستىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەنۋە ئىشخانىسىدا خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن كۇۋەيت باشلامچىلىق قىلغان، خەلقئارا كۆچ تەشكىلاتى، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كوممىسسارلىقى ۋە ب د ت ئىنسانىي ئىشلار كوردىناتسىيە ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ب د ت مەسئۇللىرى سۆز قىلدى.

ب د ت ئىنسانىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى مارك لوۋكوك ئاراكان ئۆلكىسىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ھېلىھەم زۇلۇمغا ئۇچرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ باڭلادىشتىكى مۇساپىرلارنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىپ كېتىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاراكاندا زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

«بۇرۇن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاراكان مەسىلىسىگە بولغان دىققىتى ھازىرقىدەك كۈچلۈك بولمىغان ئىدى»دېگەن لوۋكوك، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاراكان مەسىلىسىگە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئارز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گىراندىمۇ بارلىق مۇساپىرلار كىرىزىسىدا بولغىنىدەك ئاراكان كىرىزىسىدىمۇ ئىشنىڭ دەسلىپىدىلا چارە تېپىشقا مەركەزلىشىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئېغىر پاجىئەلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، بۇ پاجىئەنىڭ تەسىرلىرىنىڭ كەلگۈسىدىمۇ داۋاملىشىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرلىقىنى ئېيتقان گىراندى مۇنۇلارنى دېدى: «كىرىزىس دەرھال ئاخىرلاشمايدۇ، بۇ پاجىئەلەرگە تاقابىل تۇرۇش، ھەتتا يوق قىلىش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ  قىلىش لازىم.»

گىراندى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاراكانلىق مۇساپىرلارنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداشقا كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى.

خەلقئارا كۆچ تەشكىلاتى باش مۇدىرى ۋىليام لېيسى سىۋىڭمۇ ئۆتكەن ھەپتە باڭلادىشنى زىيارەت قىلىپ كوكس بازار شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا يۈز بەرگەن تىراگېدىيەلەرگە شاھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىۋىڭ لاگېرلاردا يېمەك-ئىچمەك، قونالغۇ ۋە سەھىيە مۇلازىمەتلىرىگە ئوخشاش ھەل قىلىشقا تىگىشلىك جىددىي مەسىلىلەرنڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

يىغىنغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن ب د ت جەنۋە ئىشخانىسىدىكى دائىمىي ۋەكىل ئەلى ناجى قاتناشتى.

نۇرغۇن خەلقئارا ئىنسانىي ياردەم ئورۇنلىرى بىلەن بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان يىغىن بۈگۈن ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر