«ئامېرىكا تۈركىيە ۋە سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىنى خەۋپكە ئىتتىرىۋاتىدۇ»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە بىلەن سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىنى خەۋپكە ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

831328
«ئامېرىكا تۈركىيە ۋە سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىنى خەۋپكە ئىتتىرىۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم ئەنقەرەدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، سۈرىيەنىڭ رەققە شەھىرىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئۆجەلاننىڭ رەسىمىنى مەيدانغا ئېسىش ھەرىكىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىتتىپاقدىشىمىز بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ھەمىشە تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنىمىزدەك، بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى يوقىتىش ئۈچۈن يەنە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بولىدۇ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئۆجەلاننىڭ رەسىمىنى مەيدانغا ئېسىش قىلمىشىمۇ بۇنىڭ شۇنداقلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ/پ ي د نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن نېمىنى كۆرۈشنى خالايدىغاندۇ؟ بۇنى چۈشىنىش ھەقىقەتەنمۇ قىيىن. ئابدۇللاھ ئۆجەلاننىڭ رەسىمىنىڭ مەيدانغا ئېسىلىشى ئامېرىكا – تۈركىيە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. ئامېرىكا بۇنداق پوزىتسىيە تۇتۇش ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپلا قالماستىن، يەنە تۈركىيە ۋە سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىنىمۇ خەۋپكە ئىتتىرمەكتە.»

يىلدىرىم تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش مۇزاكىرىلىرىگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەيئەتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئۆزئارا سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە تېخنىكىلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ. كىرىزىسنىڭ قولاي ھەل بولۇشىغا تىلەكداشمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر