شىمالىي ئىراق سايلام كومىتېتى، نويابىردا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىۋاتقان سايلاملارنى توڭلىتىپ قويدى

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى سايلام كومىتېتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئالدىمىزدىكى ئايدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان سايلاملارنىڭ توڭلىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

829966
شىمالىي ئىراق سايلام كومىتېتى، نويابىردا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىۋاتقان سايلاملارنى توڭلىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئالىي سايلام ۋە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى كومىتېتى، رايوندا ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان رەئىسلىك ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سايلاملىرىغا ئالاقىدار تەييارلىقلارنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى سايلام كومىتېتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «1- نويابىردا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانىلىۋاتقان سايلاملارغا ئالاقىدار تەييارلىقلار رايوندىكى يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋە ھېچبىر نامزاتنىڭ ئىلتىماس سۇنماسلىقى يۈزىسىدىن ۋاقىتلىق توڭلىتىپ قويۇلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، تەييارلىقلارنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقىغا ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى پارلامېنتىنىڭ قارار قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى مەسئۇد بارزانى، 7 – ئىيۇندا بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بايانات بېرىپ، رەئىسلىك ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىنىڭ 1 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.


خەتكۈچ: #ئىراق , #سايلام

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر