مۇسۇل دامبىسى ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى
ئىراقتا مۇسۇل دامبىسى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە قاراشلىق كۈچلەرنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى.
830526
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئورتاق ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانلىق ئىشتابى باياناتچىسى يەھيا رەسۇل بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا: «مۇسۇل دامبىسى ئىراق كۈچلىرى بىلەن ھەشدى شەبى كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولۇپ، ئۇ يەردە پەشمەرگەنىڭ مەۋجۇدىيىتى يوق. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، پەشمەرگە كۈچلىرى سېھىل نىنوۋا (مۇسۇل ۋادىسى) رايونىدىنمۇ پۈتۈنلەي چېكىندى» دېدى.