كەركۈكنىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە ئىراق ئارمىيەسىگە تەۋە ھاشىدى شابى كۈچلىرى بىلەن پەشمەرگە كۈچلىرى توقۇنۇشتى.

827107
كەركۈكنىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا قانۇنسىز رېفېراندۇم (ئومۇمىي خەلق بېلەتە تاشلاش پائالىيىتى)ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن رايوننىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ كەتتى.

سالاھاددىن شەھىرىنىڭ تۇزھۇرماتۇ ناھىيەسىدە ئۆز-ئارا توقۇنۇشقان پەشمەرگە كۈچلىرى بىلەن ھاشدى شابى كۈچلىرى بۇ نۆۋەت كەركۈكتە توقۇنۇشتى.

ئىراق ئارمىيەسىنىڭ كەركۈكتىكى پەشمەرگە كۈچلىرىدىن شەھەردىكى ئايرودۇرۇمنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ۋە غەربىي جەنۇبتىن چېكىنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ناۋادا تەلەپنى ئورۇندىمىغان تەقدىردە ھەربىي ھەرىكەت قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، بىراق پەشمەرگە كۈچلىرىنىڭ بۇ تەلەپلەرنى قەتئىي رەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىراق ئارمىيەسى كەركۈكنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان مەيرەم بەگ رايونىغا ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەر يۆتكىگەن. خەۋەردە يەنە پەشمەرگە كۈچلىرى بىلەن ئىراق ئارمىيەسىغا تەۋە ھاشدى شابى كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنىڭ 10 مېتىرغا چۈشكەنلىكى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ خەندەك كولىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىراق ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭمۇ كەركۈك ئاسمىنىدا تۆۋەن ئۇچۇش ئېلىپ بارغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر