ئامېرىكا باياناتچىسى ۋىزا كىرىزىسىغا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرت كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى ۋىزا كىرىزىسىغا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

826311
ئامېرىكا باياناتچىسى ۋىزا كىرىزىسىغا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىلىق باياناتچى ھېئىتېر نائۇئېرت، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈنكى ئامېرىكا – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار سۆزلىرىنىڭ خاتىرىلىتىلىشىدىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى، بىراق ئۇ سۆزگە ئالاقىدار بەزى ئانالىزلارنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «جىمجىتلىق ساقلاپ قېلىشنى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن دىيالوگ ئورنىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (رېكس تىللېرسون) مۇ تۈنۈگۈن (تۈرك) مەنسەپدىشى بىلەن سۆزلەشتى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز كۆپ ساندا ئوخشاش بولمىغان مەسىلىلەر بويىچە ئۇچرىشىش ۋە يىغىن ئۆتكۈزدۇق» دېدى.

يىغىندا، تۈركىيە توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ سوئال قوبۇل قىلىنمىغاندىن كېيىن، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار بىلەن تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھەمىت گۈلنىڭ «تۈنۈگۈنگىچە ھېچقانداق ئىلتىماس قىلىنمىدى. تۈنۈگۈنكى ئىلتىماسقا ئاساسەن، جۈمە كۈنى (ئادۋوكاتى بىلەن) كۆرۈشىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن ھالدا، «كۆرۈشتۈرۈلمىگەنلىكىنى دېگەنىدىڭىز، بىراق بۇنداق بىر تەلەپ قىلىنماپتۇ، بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟» دەپ سورىدى. ھېئىتېر نائۇئېرت بۇ سوئالغا جاۋابەن، ئابدۇلھەمىت گۈلنىڭ باياناتلىرىنى كۆرمىگەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر