ئامېرىكا ۋىزا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بىر ھەيئەت ۋىزا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى ھەپتە تۈركىيەگە كېلىدۇ

825848
ئامېرىكا ۋىزا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى، ھەيئەتكە ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوناتان جوھېننىڭ رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا ئەلچىخانىسى يەكشەنبە كۈنى كېچىسى تىۋىتتېر ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، تۈركلەرگە ۋىزا بېرىشنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان؛ ئامېرىكىدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئامېرىكىلىقلارغا ۋىزا بېرىشنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى تىۋىتتېر ئارقىلىق ئۇقتۇرغانىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرۇش توغرىسىدا ئۆزىنىڭ يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقانىدى. ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر كىشى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن (تۈركىيەدە) تۇتقۇن قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر