ئىسرائىلىيە جامەدە ئەزا ئوقۇشنى چەكلىۋەتتى

ئىسرائىلىيە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بىر يېزىدا جامەدە ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئەزان ئوقۇشىنى چەكلىۋەتتى.

824688
ئىسرائىلىيە جامەدە ئەزا ئوقۇشنى چەكلىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بىر يېزىدا «كۆچمەن يەھۇدىلارنىڭ جامەدە ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئەزان ئوقۇلۇشىدىن بىئارام بولىۋاتقانلىقلىرىنى»ئىلگىرى سۈرۈپ، جامەدە ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئەزان ئوقۇشىنى چەكلىۋەتتى.

ئەل-خەلىلنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش كومىتېتلىرى كوردىناتورى  راتىب ئەل-جەبۇر ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەل-خەلىلنىڭ جەنۇبىدىكى مۇسافىر ياتتا رايونىغا جايلاشقان ئەت-تۇۋانى يېزىسىغا بېسىپ كىرىپ، «شىفاھەن»يېزا جامەسىدە ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئەزان ئوقۇشنى چەكلىۋەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ  چەكلىمىگە خىلاپلىق قىلىنغان تەقدىردە يېزىغا يەنە بېسىپ كىرىش بىلەن تەھدىت سالغانلىقلىرىنى ئېيتقان جەبۇر، ئەت-تۇۋانى يېزىسىنىڭ مائون كۆچمەن يەھۇدىي تۇرالغۇ رايونىغا يېقىن بولۇشى سەۋەبلىك ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن كۆچمەن يەھۇدىلارنىڭ خىرسىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى دېدى.

مۇسافىر ياتتا  «ج»رايونىدا بولۇپ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدا 1995-يىلى ئىمزالانغان «ئىككىنچى ئوسلو ئەھدىنامىسى»دائىرىسىدە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ئا، ب ۋە ج دېگەن رايونلارغا ئايرىلغانىدى.

%18نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان «ئا رايونى»نىڭ مەمۇرىي ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكى پەلەستىنگە، %21لىك «ب رايونى»نىڭ  مەمۇرىي باشقۇرۇش ھوقۇقى يەنە پەلەستىنگە، بىخەتەرلىكى بولسا ئىسرائىلىيەگە تاپشۇرۇلغاندىن سىرت، %61نى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ج رايونى»نىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش  ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكى ئىسرائىلىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ج رايونىدا قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا 200مىڭدىن ئارتۇق، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بولسا 400مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن يەھۇدىي ياشايدۇ.

خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى بۇ زېمىنلاردا بەرپا قىلىنغان كۆچمەن يەھۇدىي تۇرالغۇ جايلىرىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر