ئەردوغان ئامېرىكىغا مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى:

«تۈركىيە ھەممە ئىشنى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىدىغان قانۇن دۆلىتى»

824094
ئەردوغان ئامېرىكىغا مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنىشىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تۈركىيە پۇقرالىرىغا ۋېىزا بېرىشنى توختاتتى. تۈركىيەمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش سەۋىيەدە جاۋاب قايتۇردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۆزئارا ۋىزا بېرىشنى توىتىتىشى توغرۇلۇق توختالغاندا، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختىتىش قارارىنىڭ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭغا «باراۋەرلىك پىرىنسىپى» غا ئاساسەن ئوخشاش سەۋىيەدە جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ ئېلان قىلغان باياناتى باراۋەرلىك پىرىنسىپىغا ئاساسلانسا، بىزنىڭ ئامېرىكا باش ئەلچىخانىمىز ئېلان قىلغان باياناتمۇ باراۋەرلىك پىرىنسىپىغا ئاساسلىنىدۇ. ئىشنىڭ ھەقىقىتى ۋە باسقۇچ مانا مۇشۇنداق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر