تېكساس پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېكساس پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

823889
تېكساس پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېكساس پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بايانات بېرىپ، ئۇنىۋېرسىتېتنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى ساقچىلارنىڭ گۇمانلىق بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ياتىقىنى تەكشۈرۈپ، زەھەرلىك چېكىملىك قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى، ئۇنىۋېرسىتېت ساقچى مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلغان ئوقۇغۇچىنىڭ تويۇقسىزلا يېنىدىكى تاپانچىسىنى چىقىرىپ، بىر ساقچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، ساقچى خادىمىنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن قاچقان خوللىس دانىئېلس ئىسىملىك 19 ياشلىق ھۇجۇمچىنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر