جىددەدىكى سەلمان سارىيىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى سەلمان سارىيىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئورنىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى نەپەر خەۋپسىزلىك خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

822449
جىددەدىكى سەلمان سارىيىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بىرىگادا گېنېرالى مەنسۇر ئەتتۈركىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپا تەرىپىدىن تارقىتىلغان باياناتىدا، ھۇجۇمدا 2 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 3 خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ھۇجۇمچىنىڭ 28 ياشلىق بىر سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھ جەمەتى مۇھاپىزەتچىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ھۇجۇمدىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ مەزكۇر قوراللىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى. مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە سادىر قىلىنغان تېررورلۇق قىلمىشىنى ئەيىبلەيمىز. بۇ رەزىل ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان سەئۇدى خەۋپسىزلىك خادىملىرىغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز. يەنە، قېرىنداش سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بۇ جەرياندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جىددەدىكى كونسۇلخانىسى، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى سەلمان پادىشاھلىق سارىيى ئەتراپىدىكى رايونلاردا ھوشيار بولۇشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر