ئامېرىكا سۇدانغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولارنى بىكار قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇدا 20 يىلدىن بۇيان سۇدانغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى بىكار قىلدى.

822094
ئامېرىكا سۇدانغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولارنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خارتۇم ھۆكۈمىتىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىش سەۋەبىنىڭ، سۇداننىڭ توقۇنۇش رايونلىرىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى مۇھتاجلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ رايونلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە تېررورىزم تەھدىتىگە قارشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىمۇ ئېمبارگولارنىڭ بىكا رقىلىنىشىدا تۈرتكلىك رول ئوينىدى.

ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۇدا ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇق ھەم دىنىي ئەركىنلىكلەرنى قوغدىشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورېيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارلىرىنى قوللىشى تەلەپ قىلىندى.

سۇدان خەلقى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش قارارىنى تەبرىكلىدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 1997 – يىلدىن بۇيان سۇدانغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى يۈسۈف بىن ئەھمەد ئەلئۇسەيمىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، بۇنىڭ ناھايىتى ئاقىلانە بىر قارار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ھەمدە ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشىنىڭ سۇداندا ئىقتىسادىي گۈللىنىش، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ناھايتى زور تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنى سۇداننى «تېررورىزمنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەر» تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلاشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر