ئامېرىكا پارس قولتۇقى ئەللىرى بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى توختىتىشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، پارس قولتۇقى ئەللىرى بىلەن ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلىرىنى توختىتىپ قويۇشنى قارار قىلدى.

821727
ئامېرىكا پارس قولتۇقى ئەللىرى بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى توختىتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار كىرىزىسى باش كۆتۈرگەندە دوھا دائىرىلىرىنى ئەيىبلىگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئارىدىن تۆت ئاي ئۆتكەندىن كېيىن پوزىتسىيە ئۆزگەرتتى. ئامېرىكا بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ پارس قولتۇقى ئەللىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بەزى ھەربىي مانېۋىرلارنى توختىتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا دائىلىرىنىڭ مەزكۇر قارارىنىڭ، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلماننىڭ موسكۋادا پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، S-400 ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىش مەسىلىسىدە كېلىشكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تاراتقۇلاردا ئورۇن ئېلىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىنىشى دىققەتنى تارتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، 5 – ئىيۇندا باش كۆتۈرگەن قاتار كىرىزىسىدا كۇنۇپكىغا ئۆزىنىڭ باسقانلىقىنى تىۋىتتېر ئۇچۇرى ئارقىلىق ئېلان قىلغانىدى.

قاتار، شۇ چاغدىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەر تەرىپىدىن يالغۇز قالدۇرۇلماقتا. قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز چېگرالىرى تاقىۋېتىلگەن قاتارغا تۈركىيە بىلەن ئىران كۈچلۈك شەكىلدە ھەمنەپەس بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر