ماداغاسقاردا ۋابادىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانى 28 گە يەتتى

ماداغاسقار سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئاۋغۇست ئېيىدا تارقىلىشقا باشلىغان ۋابادىن يوقۇملانغان 150 ئادەمنىڭ 28 ىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

820172
ماداغاسقاردا ۋابادىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانى 28 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا، گۇمانلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە تەكشۈرۈپ دىياگنوز قويۇش ئۈچۈن پايتەخت ئانتانانارىۋودىكى ئايرودۇرۇم ۋە مىنىبۇس بېكەتلىرىدە تەكشۈرۈشنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

مىنىستىرلىق 2 – ئۆكتەبىردە بايانات بېرىپ، ۋابادىن يۇقۇملانغان 145 ئادەمنىڭ 26 سىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ماداغاسقارغا ھىندى ئوكيان چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان سەيشەللەر ئاياللار مىللىي ۋاسكېتبول كوماندىسى تېرېنىرى ئالىكس ئاللىسوپنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ۋابا تۈپەيلى بىر ھەپتىلىك تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن مەكتەپلەردىكى دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا.

ماداغاسقار سەھىيە مىنىستىرلىقى،  پايتەخت ئانتانانارىۋودا ۋابا يۇقتۇرۇۋالغۇچىلارنى ھەقسىز داۋاملاش مەركىزى قۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر