ترامپ ئىسپانىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئالدىنقى كۈنى دۆلىتىگە زىيارەتكە كەلگەن ئىسپانىيە باش مىنىستىرى مارىئانو راجوي ئۈچۈن «پىرېزىدېنت» دېدى ۋە ئىسمىنى خاتا يازدى.

815803
ترامپ ئىسپانىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter  سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىسپانىيە پىرېزىدېنتى مارىئانو جوينى كۈتۈۋېلىش ماڭا نىسبەتەن شان – شەرەپتۇر. زالىم شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنى يېتىم قالدۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىمىزنى قوللىغانلىقىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.

ئۇ يەنە، ئاق سارايدىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىمۇ راجوي ئۈچۈن «پىرېزىدېنت ئالىيلىرى» دېگەنىدى.

يىغىننىڭ ۋىدېئو كۆرۈنۈشلىرىدە ترامپ راجوينى گويا تۇنجى قېتىم كۆرگەندەكلا سۆز قىلغانلىقى كۆرۈلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ «پىرېزىدېنت ئالىيلىرى» دېگەندە، ئىسپانىيە باش مىنىستىرىنىڭ ھەيران قالغانلىقى دىققەت قوزغايدۇ، ژۇرنالىستلارنىڭ راجوي ئۈچۈن «باش مىنىستىر» دېيىشىمۇ ترامپنىڭ دىققىتىنى تارتمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر