ئافغانىستاندا خەلقئارا ئايرودۇرۇمدا ھۇجۇم يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا خەلقئارا ئايرودۇرۇمدا راكېتامىيۇت ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 5 پۇقرا يارىلاندى.

815376
ئافغانىستاندا خەلقئارا ئايرودۇرۇمدا ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇل جامائت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى باسىر مۇجاھىدنىڭ ئېيتىشىچە، راكېتامىيۇتلاردىن بىرىنىڭ ئايرودۇرۇم ئەتراپىدىكى بىر ئۆيگە چۈشۈشى نەتىجىسىدە يارىلانغان پۇقرالاردىن بىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن. ئايرودۇرۇمغىمۇ بىرقانچە راكېتامىيۇت چۈشكەن بولۇپ، راكېتامىيۇت ئېتىلغانلىقى تەخمىن قىلىنغان ياقا تۇت رايونىغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئايرودۇرۇم خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇمدىن كېيىن بارلىق ئۇچۇشلار توختىتىلغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد بولسا، نىشانلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جەيمس ماتىس ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جەيمس ماتىس بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ھۇجۇم يۈز بېرىشتىن بىرقانچە سائەت ئىلگىرى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلغا يېتىپ بارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر