ترامپ شىمالىي كورېيەگە ئېغىر زەربە بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيەگە ئېغىر زەربە بېرىش ئۈچۈن تەييار ھالەتكە كېلىپ بولغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

814918
ترامپ شىمالىي كورېيەگە ئېغىر زەربە بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيەنى ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە 8 شىمالىي كورېيە بانكىسى بىلەن چەت ئەلدە ياشاۋاتقان 26 شىمالىي كورېيەلىك بانكا خادىمىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

دونالد ترامپ ئىسپانىيە باش مىنىستىرى مارىيانو راجوي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئاقساراي ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش  يىغىنىدا مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي كورېيەگە ھەربىي جەھەتتىن تەدبىر قوللىنىشقا تەييار ھالەتكە كېلىپ بولغانلىقىنى ئېيتقان دونالد ترامپ مۇنۇلارنى دېدى: «بىز ئىككىنچى تاللاش بويىچە ئىش تۇتۇشقا تەييارمىز، بىراق بۇنى تاللاشنى بىزمۇ خالىمايمىز، ناۋادا بۇ بويىچە ئىش تۇتۇپ قالساق ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭ زىيىنى بىزگە ئەمەس شىمالىي كورېيەگە بولىدۇ.»

ئىسپانىيەنىڭ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلەردە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇپ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن باش مىنىستىر راجويغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «شىمالىي كورېيەلىك ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىشنى قارار قىلغان ۋە ۋەھشىي شىمالىي كورېيە ھاكىمىيىتىنى يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىمىزدە بىزگە يېقىندىن ماسلاشقان ئىسپانىيەگە رەھمەت ئېيتىمەن.»

شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىروگراممىسىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان دونالد ترامپ، بۇ دۆلەتنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن پۈتكۈل دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى لازىملىقىنى ئېيتتى. شىمالىي كورېيە  بىلەن بولغان سودىسىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئازايتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىمۇ ماختىغان ترامپ يەنە مۇنداق دېدى: «شىمالىي كورېيە بىلەن بانكىچىلىق ساھەسىدە ئورناتقان كۈچلۈك مۇناسىۋىتىگە خاتىمە بەرگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى قىزغىن ئالقىشلايمەن.»

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 8 شىمالىي كورېيە بانكىسى ۋە كۆپ قىسمى چەت ئەلدە پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 26 شىمالىي كورېيەلىكنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 8 شىمالىي كورېيە بانكىسى ۋە رۇسىيە، خىتاي، لىۋىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەردە شىمالىي كورېيەنىڭ پۇل-مۇئامىلە ساھەسىگە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان 26 شىمالىي كورېيەلىك ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شەخسلەر ۋە ئورگانلار بىلەن پۇل-مۇئامىلە ئېلىپ بېرىشى چەكلەنگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىمۇ ئۆتكەن ھەپتە پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىگە بىر قاتار ئېمبارگولارنى قويۇشنى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسىنى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر