گېنېرال دۇنفورد: خىتاي 2025-يىلدىن كېيىن ئامېرىكا ئۈچۈن چوڭ تەھدىتكە ئايلىنىدۇ

ئامېرىكا ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى گېنېرال جوسىف دۇنفورد ئىراننىڭ 2015-يىلى ئالتە دۆلەت بىلەن تۈزگەن يادرو كېلىشىمىگە بويسۇنغانلىقىنى ئېيتتى.

814968
گېنېرال دۇنفورد: خىتاي 2025-يىلدىن كېيىن ئامېرىكا ئۈچۈن چوڭ تەھدىتكە ئايلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى گېنېرال دۇنفورد ئىككىنچى قېتىم ئىشتاب باشلىقى بولۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش ئۈچۈن كېڭەش پالاتاسىنىڭ خىزمەتلەر كومىتېتىدا سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇ پالاتادا سوئاللارغا بەرگەن يازمىچە جاۋابىدا، تېھران ھۆكۈمىتىنڭ يادرو كېلىشىمىگە بويسۇنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىم، ئىراننىڭ كېلىشىم دائىرەسىدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە، بىراق كېلىشىم ئىراننىڭ يادرو قورالى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۈرئىتىنى ئاستىلاتقان بولسىمۇ، رايوندىكى يامان خاراكتېرلىك ھەرىكەتلىرىنى ئۆزگەرتەلمىدى» دېدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ يازمىچە بەرگەن جاۋابلىرى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا: «كېلىشىم، ئىران شەكىللەندۈرگەن بەش تەھدىتتىن پەقەت بىرىگىلا خىتاب قىلىدۇ. كېلىشىم ئۆز ئىچىگە ئالمىغان تەھدىتلەر بولسا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، دېڭىزدىكى تەھدىتلەر، ئىراننىڭ سىبەر ھۇجۇملىرى ئۈچۈن ۋاستىچىلەرنى قوللىشى قاتارلىق تەھدىتلەردۇر» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ ئىراننىڭ باشقا نۇرغۇن ساھەلەردە يامان خاراكتېرلىك ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىراننىڭ ئىراق بىلەن سۈرىيەدىكى تەسىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، يەمەن بىلەن لىۋاندا بولسا، پائال ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ باشقا سوئاللارغا: «شىمالىي كورېيە ھازىر تىنچ ئوكيان رايونىدا ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت ھېسابلىنىدۇ، خىتاي 2025-يىلدىن كېيىن ئەڭ چوڭ تەھدىتكە ئايلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ ۋاشىنگتوننىڭ ھازىرغىچە پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي ۋاستىلەر ئارقىلىق بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھەربىي جەھەتتە، شىمالىي كورېيەگە قارشى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىللېرسون يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بېسىم قىلىش پائالىيەتلىرىنى تولۇق قوللاشقا تەييارمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر