خىتاي ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيەنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۆزىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن شىمالىي كورېيەنىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشىدىن كېيىن، رايوننىڭ چوڭ كۈچى خىتاي تەرەپلەرنى ئاگاھلاندۇردى.

814329
خىتاي ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇكاڭ، ئامېرىكا ۋە شىمالىي كورېيەلىك سىياسەتچىلەرگە خىتاب قىلدى؛ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ئۇسۇللارنى قوللىنىپ مەسىلىگە چارە تاپالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلغان لۇكاڭ، كورېيە يېرىم ئارىلىدا يۈز بەرگۈسى بىر ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغۇچى تەرەپ چىقمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ھەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئېغزاكى ئېتىشىشنىمۇ توغرا، دەپ قارىمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن جەنۇبىي كورېيە تاراتقۇلىرى، پىيوڭياڭ دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي چېگراغا ئەسكەر يىغىشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى؛ جەنۇبىي كورېيە دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنى مەنبە قىلىپ بېرىلگەن خەۋەرلەردە، شىمالىي كورېيەنىڭ چېگراغا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلار ئورۇن ئالدى.

خەۋەرلەردە يەنە، شەرقىي چېگرادىكى ھەربىي مۇداپىئە لىنىيەلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى. بىراق، جەنۇبىي كورېيە دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى بۇ ئۇچۇرنى جەزملەشتۈرۈپ بايانات بەرمىدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى بىلەن تەرەپلەر ئارىسىدا كۈچىيىپ كەتكەن جىددىيچىلىك، يادرو قورالىنىڭ سىناق قىلىنىشى بىلەن يۈكسەك پەللىگە يەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر