ب د ت، ئاراكانلىقلارنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى

ب د ت، بىرمادىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن قاچقان يۈز مىڭلارچە ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ قىلتىغا چۈشۈپ كېتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

814253
ب د ت، ئاراكانلىقلارنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ئىستېفان دۇجاررىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىرمادىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن قېچىپ باڭلادىشقا كەلگەن ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار سانىنىڭ 436 مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇجاررىك، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن قاچقان يۈز مىڭلارچە كىشىنىڭ بالىلار ۋە ئاياللاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى ۋە مۇھاپىزەتسىز قالغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ قۇربانى بولۇش كېتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغان ھالدا، «كوللېكتىپ ھەرىكەت يۈز بەرگەندە، ئادەم سودىگەرلىرى ۋە سۇيىئىستېمال خەۋپىمۇ بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بىرما ئارمىيەسىنىڭ قوراللىق مىلىتارىستلارغا قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاراكاندىكى پۇقرالارغا قاراتقان 25- ئاۋغۇستتىن بۇيانقى ھۇجۇملىرىدا مىڭلارچە مۇسۇلمان ھاياتىدىن ئايرىلدى. بىرما دائىرىلىرى، رايونغا كىرىش – چىقىشلارغا رۇخسەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرغىچە ئۆلگەن پۇقرالار سانىنى ئېنىقلاش ئىمكانىيىتى بولمىدى.

ئارمىيە بىلەن مىللەتچى بۇددىستلارنىڭ ھۇجۇملىرىدا 200 ئەتراپىدا يېزىغا ئوت قويۇپ بېرىلدى ياكى ۋەيران قىلىپ تاشلاندى. ئون مىڭلارچە ئاراكانلىق مۇسۇلمان ھاياتى بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ رايوندىن قېچىشقا تىرىشماقتا. بىرمادىن قاچقان پۇقرالار تاغلىق رايونلار، ناف دەرياسى ياكى دېڭىز يولى ئارقىلىق باڭلادىش تەرەپكە ئۆتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر