ئىبادى بىلەن رۇھانى تېلېفوندا كۆرۈشتى

شىمالىي ئىراق رايونلۇق كۈرت ھۆكۈمىتىنىڭ رېفېراندۇمىدىن بۇرۇن ئەلئىبادى بىلەن ئىران پىرېزىدېنتى ھاسان رۇھانى تېلېفوندا كۆرۈشتى.

813525
ئىبادى بىلەن رۇھانى تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ئىبادى بىلەن ئىران پىرېزىدېنتى ھاسان رۇھانى تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، شىمالىي ئىراقنىڭ رېفېراندۇمىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىراق باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ھاسان رۇھانى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقلىرىنى تەكرارلاپ، مۇنداق دېگەن:

«ئىراقنىڭ بىرلىكى ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىكى شۇنداقلا مۇقىملىقى ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، تېھران ئىراقنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن باغدادنى ھەر تۈرلۈك ساھەلەردە قوللايدۇ.»

ئەلئىبادى ئىراقنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى تېررورلۇق قارا گۇرۇھلىرىدىن قوغداش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېگەن:

«ھۆكۈمىتىمىز ئىراقنىڭ بىرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ تىنچلىق ئىچىدە ياشىشىغا تەھدىت سالىدىغان، بىر تەرەپلىمىلىك ۋە ئاىساسىي قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۆتكۈزۈش پىلان قىلىنغان رېفېراندۇمنى رەت قىلىدۇ، نەتىجىلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر